ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى

«قەيسەر يۈرەك» فىلىدىن تۇغۇلغان «قەيسەر» خىياللار…

    «قەيسەر يۈرەك» فىلىدىن تۇغۇلغان «قەيسەر» خىياللار…
    «قەيسەر يۈرەك» فىلىمىنى نۇرن دوستلىرىم، ھەتتا شوتلاندىيە بىلەن ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولغان ئېرلاندىيە يۇرتىدىن كەلگەن، بىزگە «ئەنگىلىيە مەدەنىيىتى ۋە تارىخى» دېگەن دەرسنى بىرىدىغان ئوقۇتقۇچۇم بىر قېتىم كۆرۈپ قويۇشۇمنى تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر كۆرمەي كەلگەن ئېدىم، بۈگۈن، بۇ فىلىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ بۇ فىلىمنى نېمىشقا شۇنچە كەچ كۆرگەنلىكىمنى چۈشەنمەي بەكلا پۇشايمان قىلدىم، ئەمەلىيەتتە بۈگۈن بۇ فىلىمنى بىر قېتىم ئەمەس، ئىككى قېتىم كۆرۈۋەتكەن ئىدىم، خىيالىمدا فىلىمدىكى ۋەقەلىكلەرگە باغلانغان ئاچچىق رېئاللىق بىلەن تارىخىمىزدىكى ئوخشىشىپ قالىدىغان ۋەقەلىكلەرنى ئۆز-ئارا باغلاشقا، ئوخشىتىشقا تىرىشماقتا ئىدىم… (تېخىمۇ كۆپ…)

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن] تەبىئەت ئۈچۈن چال (1) – دىۋانە ئاشىق كەبى

    begkepe

    بۈگۈن ئۆزلەشتۈرۈپ چىققان تۈركچە ناخشا تۈركىيەدىكى بىر قىسىم سەنئەتكارلاردىن تۈزۈلگەن تۈرك خەلق ناخشىلىرىنى ئاساس قىلغان « تەبىئەت ئۈچۈن چال »(Doğa İçin Çal) ناملىق پروگراممىسى(proje)نىڭ بىرىنچى قىسمى بولغان « دىۋانە ئاشىق كەبى»(DİVANE AŞIK GİBİ) بولۇپ، تىلى ناھايىتى يىنىك بولغان بۇ ناخشىنى ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا شۇنى ھىس قىلدىمكى، بۇرۇنقى تۈرك تىلى بىلەن بىزنىڭ بۇرۇنقى ئۇيغۇر تىلىمىز ھەقىقەتەن يېقىنكەن جومۇ! « تەبىئەت ئۈچۈن چال »(Doğa İçin Çal) ناملىق پروگراممىنىڭ ئىككىنچى قىسمى «ئەگرى-توقاي بىر يولدىمەن» ئۇستازىم مەلەك ئارقىلىق تاماملانغان بولغاچقا، كىلەر قېتىمدا مەن ئۈچۈنچى قىسمىنى تاماملىشىم مۇمكىن، ھازىرچە مۇشۇ قىسمىدىن پايدىلانغاچ تورۇڭلار. تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ تېكىسىتى ۋە چۈشۈرۈش مەنزىلى بىرىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىزلەر…

    (تېخىمۇ كۆپ…)

يېقىندا تۈگەتكەن بىر فىلىم: پادىچى ۋە تاشقى پىلانىت ئادىمى

    begkepe

    فىلىم كۆرۈۋېتىپ، خاتىرە قالدۇرۇپ قويىدىغان ئادىتىم بار ئىدى، ئەمما نېمە بولدۇم، ئۇزاق زاماندىن بىرى كىنو كۆرسەم ھاپىلا-شاپىلا ئۇخلايدىغان بولۇپ قالدىم، ئەمما يېقىندا نېمە بولدىكىن، تاشقى پىلانىت ھەققىدىكى فىلىملەرنى كۆرسەم ئاجايىپ ھاياجان ئىچىدە گۇمان بىلەن كۈزۈتۈپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدىمغۇ تاڭ. ئالدىنقى ھەپتە «ئامېرىكا مەدەنىيىتى ۋە تارىخى» دېگەن دەرسىمىزدە ئامېرىكىلىق ئوقۇتقۇچۇم مارك ئامېرىكا يەرلىك خەلقلىرى(ئىندىيانلار دەپ ئىشلىتىمىز بىز)نى ئەينى چاغدىكى كۆچمەنلەرنىڭ قاتتىق قىرىۋەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى، بۇ ئىش كاللامغا بەك تەسىر قىلىپ كەتتىمۇ تاڭ، بىر ھەپتىدىن بۇيان ئامېرىكىدى ئەينى چاغ يەرلىك خەلق بىلەن كۆچمەنلەرنىڭ كۈرەشلىرىنى بايان قىلىدىغان ئەسەرلەرنى ئىزدەپ تۇرۇپ كۆرىدىغان بولدۇم.
    (تېخىمۇ كۆپ…)

كەپەمنىڭ ماتىرىيالىنى ئالماشتۇردۇم، يېڭىچىراق ھالدا يازايلى ئەمدى…

    begkepe

    بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن جۇڭگودىكى يىنىك بلوگ مۇلازىمەت بېكەتلىرىدىن بىرى بولغان دىيەن دىيەن(点点)تورىغا تىزىملىتىپ، خەنسوچە بلوگىم ئۈچۈن ئالغان تور نامىم www.Uyghurbeg.me ئاخىرى بۇ بېكەتكە باغلىۋالدىم ھەمدە بېكەت ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇسلۇبلارنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدىگە ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبنى قاچىلىۋالدىم. يىنىك بلوگنى ئىشلىتىش داۋامىدا شۇنى ھىس قىلدىمكى، بلوگ قانچە ئاددىي ۋە قانچە يىنىك بولسا شۇ ياخشىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ كەپەمنىڭ ئۇسلۇبىنىمۇ ئاشۇ خەنسوچە بلوگىمغا ئوخشىتىپ ياسىۋالدىم، كۆرگىنىڭىزدەك ھازىرقى كۆرۈنۈشدىكى ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى دۇنياغا كەلدى. كەڭ ئەزىز تورداشلارنىڭ مېنىڭ «总统先生的别墅» ناملىق خەنسوچە بلوگىم بىلەن« ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى» ناملىق بۇ ئىككى بلوگىمغا ئوخشاشلا دىققەت قىلىپ قۇيىشىنى سورايمەن، كەمىنە، داۋاملىق ھەرىكەتتە. مەنزىل:

    http://www.uyghurbeg.com | http://www.uyghurbeg.me/

    (تېخىمۇ كۆپ…)

[خەتلىك ناخشىلاردىن]تۈرك ناخشىچىسى گۆكخان ئۆزەننىڭ يېڭى ناخشىسى – سىتەمكار(چۈشۈرۈۋېلىڭ)

    gokhan_ozen_kader_utansin

    تۈرك ناخشىچىسى گۆكخان ئۆزەننىڭ مەزكۇر ناخشىسى بولمىش ‹‹سىتەمكار»نى بۇرۇن تۈركچە سەۋىيە ئانچە يۇقىرى ئەمەس چاغدا «ئەيىبلىگۈچى» دەپ تەرجىمە قىپتىكەنمەن، يېقىندا ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتى ھەققىدىكى ماتىرىيال كۆرۈۋېتىپ شائىرىمىز نىم شېھىتنىڭ «بىلىم ئىشقىدا» ناملىق ئەسىرىدە «سىتەمكار» دېگەن بۇ سۆزنى ئۇچرىتىپ قالدىم، دېمەك تۈركچىدىكى «سىتەمكار» كەلىمەسى بىزدىكى مەنىسى بىلەن ئوخشاش ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ناخشىنىڭ تەرجىمىسىنى ئەسلى مەنىسىگە بەكرەك يېقىنلاشتۇرغان ئاساستا قايتىدىن ئىشلەپ چىقتىم، سىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ تېكىسىتى ۋە چۈشۈرۈش مەنزىلى بىرىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىزلەر… (تېخىمۇ كۆپ…)

ئاشۇ يىللاردا بىز، شادىمان ۋە ئۈمىدۋار بولغان بىز!

    Digital StillCamera

    كومپىيۇتېرىمنى مالتىلاۋېتىپ بۇرۇن چۈشكەن ياكى تارتقان نۇرغۇن رەسىملەرنى ئۇچرىتىپ قالدىم، بىلمەيمەن، تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىمنى تۇيۇقسىزلا ئەسلەپ قالغىنىمدىن قانچىلىك ئويلارغا چۆمگەنلىكىمنى بىلمەيمەن، ئەمما كۆزلىرىم بىر خىل ھەسرەت ئىچىدە ياشلانماقتا، بەلكىم دوستلىرىمنى سېغىنغاندىمەن، بەلكىم ئاشۇ غەمسىز چاغلىرىمىزنى ئەسلەۋاتقاندىمەن، ۋە ياكى يوقاتقان غايەم، غايىپ بولغان ئۈمىدلىرىم ئۈچۈن ئۆكسۈۋاتقاندىمەن. تۆۋەندىكى رەسىملەر بىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدىكى بىر كۈنى ساۋاقداشلار بىلەن چۈشكەن ئاز بىر قىسىم تاللانغان رەسىم … (تېخىمۇ كۆپ…)

[خەتلىك ناخشىلاردىن] تۈركىيە ناخشىچىسى تاركاننىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى– سەۋدانىڭ ئاخىرقى ئۇرۇشى(چۈشۈرۈڭ)

    tarkan_sevdanin_son_vurusu_536145629154

    تۈرك پوپ ناخشا سەركىسى تاركاننىڭ ناخشىلىرىنى ياقتۇرىدىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلىمەن، مەن ئۇنىڭ ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىلىرىدىكى لىرىكىغا، ناخشا تىكىسىتىنىڭ پاساھىتىگە بەك كۆيىمەن، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ناخشىلىرىغا دىققەت قىلىپ تۇرىمەن. بۈگۈن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان ناخشىمىز تاركاننىڭ «ئىسمىمنى قەلبىڭگە ياز»(Adımı kalbine yaz)ناملىق ئالبۇمىدىكى بىر ناخشا. بىر تەرەپدىن ناخشا ئاڭلىغاچ، بىر تەرەپدىن تەرجىمە تېكىسىتىدىن پايدىلىنىپ تۈركچە ئۆگىنىپ قالساڭلار ئەجەپ ئەمەس… (تېخىمۇ كۆپ…)

[تەرجىمە ناخشا تېكىسىتى] تۈرك پوپ ناخشا سەركىسى تاركاننىڭ يېڭى ناخشىسى–سەن يىراققا كېتىپسەن

    Tarkan Sen Çoktan Gitmişsin dinle

    تۈرك پوپ ناخشا سەركىسى تاركاننىڭ ناخشىلىرىنى ياقتۇرىدىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلىمەن، مەن ئۇنىڭ ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىلىرىدىكى لىرىكىغا، ناخشا تىكىسىتىنىڭ پاساھىتىگە بەك كۆيىمەن، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ناخشىلىرىغا دىققەت قىلىپ تۇرىمەن. بۈگۈن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان ناخشىمىز تاركاننىڭ «ئىسمىمنى قەلبىڭگە ياز»(Adımı kalbine yaz)ناملىق ئالبۇمىدىكى بىر ناخشا. بىر تەرەپدىن ناخشا ئاڭلىغاچ، بىر تەرەپدىن تەرجىمە تېكىسىتىدىن پايدىلىنىپ تۈركچە ئۆگىنىپ قالساڭلار ئەجەپ ئەمەس… (تېخىمۇ كۆپ…)

[خەتلىك ناخشىلاردىن] تۈركىيە ناخشىچىسى گۆكتاننىڭ كونا مۇڭلۇق ناخشىسى–سەن(چۈشۈرۈۋېلىڭ)

    گۆكتاننىڭ ئەسلى ئىسمى ئەرخان گۈلەريۈز، تۈركىيىدە بىر مەزگىل ناخشا ئېيتىپ يۈرگەن ئاداشكەن. گۆكتاننىڭ بۈگۈن تورداشلارغا ئەكەلگەن ناخشىسى «سەن» مەن تاكى ھازىرغىچە ھېچ زېرىكمەي ئاڭلاپ كەلگەن بىر ناخشا بولۇپ، مەندىن بۇرۇنمۇ بىرەيلەن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلەپتىكەن، كەسپىي كېسىلىم تۇتتى بولغاي، مەنمۇ ھەم بۇ ئامراق ناخشامنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەپ چىقتىم. ئەلۋەتتە، كونا قائىدىمىز بۇيىچە تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ تېكىسىتى ۋە چۈشۈرۈش مەنزىلى بىرىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىزلەر!…
    (تېخىمۇ كۆپ…)

[خەتلىك ناخشىلاردىن] تۈركىيە ناخشىچىسى مۇستافا سەندالنىڭ مەشھۇر ناخشىسى–ئىسيانكار(چۈشۈرۈۋېلىڭ)

    mustafa0019

    بۈگۈن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان ناخشىمىز بولسا تۈركىيە ناخشىچىسى مۇستافا سەندالنىڭ مەلۇم بىر ئالبۇمىدىكى بىر ۋەكىللىك ناخشىسى بولۇپ،تۈرك دوستلارنىڭ ئېيتىشىچە تۈركىيەدە بىر قەپەز مودا بولغان مەشھۇر ناخشا ئىمىش، ئەلۋەتتە، ھارمايدىغان، چارچىمايدىغان ئۇيغۇربەگ يەنە بۇنىمۇ خەتلىك قىلىپ ياساپ چىقتى. ئەلۋەتتە، كونا قائىدىمىز بۇيىچە تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ چۈشۈرۈش مەنزىلى بىرىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىزلەر. ئەمىسە ناخشىغا مەرھەمەت!… (تېخىمۇ كۆپ…)

[تەرجىمە ناخشا تېكىسىتى] تۈركچە كىلاسسىك ناخشىلاردىن ئېلھان شەشەن ئورۇنلىشىدا : نيۇ-يورك

    e46d2ca9a1949b474960ca061cb007bbf2e9467e1c7869d00b22e5eb7cb6528c

    ئېلھان شەشەن(İlhan Şeşen)نىڭ «نيۇ-يورك»ناملىق مەزكۇر ناخشىسىنى ئىككى يىل بۇرۇن، تۈركچىنى يامىداپ ئوقۇيدىغان چاغلىرىمدا ئاڭلىغان ئېدىم، شۇ ۋاقىتتىكى سەۋىيەمدە مەن «نيۇ-يورك»دېگەن سۆزنى «نې يوك»(نېمە يوق) دەپ ئاڭلاپ يۈرۈپتىكەن، ئىسسىت دەيمەن ئۆتكەن ئۆمرۈمگە. بۈگۈن مەن ئامراق ناخشىلار تىزىملىكىنى ئاقتۇرۇپ بۇ ناخشىنى تۇيۇقسىز قايتا ئاڭلاپ قالدىم، شۇ ھامان توردىن ناخشا تېكىسىتىنى ئاقتۇرغان ئىدىم، ھىم، مانا، شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدە بىر ناخشا تېكىسىتى كۆپەيدى. قېنى، ئاڭلاپ باقمامدۇق؟… (تېخىمۇ كۆپ…)

[خەتلىك ناخشىلاردىن] تۈركىيە ناخشىچىسى ھالىل سەزاينىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى–شۇنداق بولسۇن(چۈشۈرۈۋېلىڭ)

    halil-sezai-paracikoglu

    بۈگۈن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان ناخشىمىز بولسا تۈركىيە ناخشىچىسى ھالىل سەزاينىڭ 2011-يىلى ئېلان قىلغان ئالبۇمىدىكى بىر ۋەكىللىك ناخشىسى بولۇپ، سەرسانلىق ئىچىدىكى بىر ئاشىقنىڭ يۈرەك ساداسىنى كۈيلەپ ئېيتقان ناخشىسىدۇر. ئەلۋەتتە، كونا قائىدىمىز بۇيىچە تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ تېكىسىتى ۋە چۈشۈرۈش مەنزىلى بىرىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىزلەر. مەزكۇر ناخشىچى ھەققىدە ئۇچۇر بىلىدىغان تورداشلار بولسا كۆكلەم مۇنبىرىگە يوللىغايسىزلەر. ئەمىسە ناخشىغا مەرھەمەت!… (تېخىمۇ كۆپ…)

[تاما-تاما كۆل بۇلار] ئوقۇغۇچى گۈزەلنۇرنىڭ ھاياتى جىددى ياردەمگە مۇھتاج!

    201112724731362

    مەزكۇر تېما مەشئەل تورىدى كۆچۈرۈپ كېلىندى. ئاللاھدىن ئۇ سىڭلىمىزغا شىپالىق تىلەيمەن!

    ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 8-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى گۈزەلنۇر ئەخمەت 16-كەنت 4-دۈيدىن بۇلۇپ، بۇ يىل 15 ياشقا كىرگەن ئىدى. 2011-يىلى 7-ئايدا بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بىلەن ئاپتونۇم رايونوۇق تىببى ئىنىستىتوت دوختۇرخانىسىدا داۋالانغان بولسىمۇ، كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانماستىن بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى قىلىشقا توغرا كەلدى. گۈزەلنۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى دېھقان بۇلۇپ، ئاران 10 تېرىلغۇ يېرى بار بولغاچقا، ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن نۆۋەتتە بۇ سەبى ئوقۇغۇچىنىڭ ھاياتى خەۋىپ ئىچىدە تۇرماقتا. (تېخىمۇ كۆپ…)

[خەتلىك ناخشىلاردىن] تۈرك ناخشىچى ئەمرە ئايدىننىڭ 2011-يىللىق مودا ناخشىلىرىدىن – خۇشۋاغ قال

    emre-aydin2

    ئەمدىكى تەنەپپۇس مەزگىلىدە ھوزۇرۇڭلاردا بولىدىغىنى، تۈركىيەنىڭ 2011-يىللىق مودا ناخشىلىرىدىن بىرى ‹‹خۇشۋاغ قال››، ناخشى ئەمرە ئايدىڭ، ئۇيغۇرچە-تۈركچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەندى. ساۋاقداشلار، ئەمدى كىتاب-ماتىرىياللارنى يىغىشتۇرۇپ، تەنەپپۇسكە چىققايسىزلەر! مەزكۇر ناخشا ئالدىنقى يىلى يوللانغان كونا ناخشا ئىدى، تۇرادىن بۇ يەرگە يۆتكەپ كەلدىم… (تېخىمۇ كۆپ…)

[خەتلىك ناخشىلاردىن] تۈركىيە ناخشىچىسى مۇرات ئەۋگىننىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى – بۈگۈن توي قىلىسەن

    Murat-Evgin

    تۈركىيە ناخشىچىسى مۇرات ئەۋگىننى مۇشۇ ناخشىسى ئارقىلىق تونۇغان ئىدىم، كېيىن گۇگېلدىن ئاقتۇرۇپ يۈرۈپ ئۇنىڭ شەخسىي بېكىتىگە ھەم چىقتىم، شۇنچە ناخشىلارنى ئېيتىپتۇ، ماڭا مۇشۇ ناخشىسىلا ناھايىتى يارىدى، ئەلۋەتتە، ماڭا يارىغان ناخشىلارنى تەرجىمە قىلىپ قويىدىغان ئادىتىمنىڭ بارلىقىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، شۇڭلاشقا بۇنىمۇ تەرجىمە قىلىۋەتتىم، تەرجىمىدە ئۇدۇل تەرجىمە ئۇسلۇبى بىلەن مەنە تەرجىمە ئۇسلۇبىنى تەڭ بىرىكتۈرۈپ، ئازراق شېئىرىي پۇراق چىقاردىم دەپ ئويلايمەن، تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ تېكىسىتى ۋە چۈشۈرۈش مەنزىلى بىرىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىزلەر… (تېخىمۇ كۆپ…)

شېجىن شادلىق جىلغىسى(欢乐谷)ساياھەت خاتىرىسى…

    Digital StillCamera
    ئەسلى بۈگۈنكى پىلانىمدا، بىر بولسا ياتاقدىن چىقماسلىق، بىر بولسا كۈتۈپخانىدىن چىقماسلىقنى قارار قىلغان ئىدىم. ئەمما نېمىشقىكىن، ئىچىم سىقىلىپ، كەيپىياتىم ئوساللىشىپ كېتىپ باراتتى. مەكتەپداشلىرىم ماڭا سىز نېمىشقا بۇرۇنقىدەك تېتىك ئەمەس دەپ قۇياتتى، ھەتتا فاكۇلتېتىتدىكى ئوقۇتقۇچىلىرىم ماڭا بۇرۇنقىدىن جىمغۇرلىشىپ قالغانلىقىمنى ئېيتىپ، ئارام ئېلىشىمنىڭ لازىملىقىنى ئېيتىشتى. ئۆزۈممۇ ئۇزاق مەزگىللىك بلوگ بېسىمى بىلەن ئالدىمىزدىكى كەسپىي ئىمتىھاننىڭ بېسىمى تۈپەيلى كېلىپ چىققان جىددىيچىلىكىمنى ھىس قىلىپ تۇراتتىم، چارچاپ كەتكەنلىكىمنى تۇيۇپ تۇراتتىم. سىرىتقا چىقىپ ئايلىنىپ كېرەي دەپ ئويلايتىميۇ، كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا كەلسەم ھەممىنى ئۇنتۇپ، يەنە شۇ بلوگ ۋە تور دۇنياسىدىكى مەۋھۇم خۇشاللىقلار بىلەن بەنىت بولاتتىم. شۇنداق قىلىپ، بۈگۈنكى پىلانىمدا بىر بولسا ياتاقدىن چىقماسلىق، بىر بولسا كۈتۈپخانىدىن چىقماسلىقنى ئويلىغان ئىدىم… (تېخىمۇ كۆپ…)



=